باغىر[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① جىگەر، بېغىر. [يەشمىسى:] ② كۆكرەك، كۆكس، تۆش:[مىسال:] باغرىغا باسماق.[يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] كۆڭۈل، دىل، نىيەت، يۈرەك، قەلب:[مىسال:] باغرى تاش. باغرى قاتتىق. باغرىنى ئەزمەك.[يەشمىسى:] ④ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] تۇغقان، قېرىنداش:[مىسال:] ئېلىقۇل ئۆز باغرىم ئەمەسمۇ، مۇشۇ ئۆيدە تۇردۇم، قېرىنداشلار خەۋەر ئېلىشتى، كەتمە دېيىشتى.[يەشمىسى:] ⑤ ئېتەك، قاپتال، يان:[مىسال:] بۇ يىلمۇ مۇزتاغ باغرىغا باھار كەلدى.